خىتاي چېگرا چەكلىمىلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى رامكىسىدا يولغا قويغان چېگرا چەكلىمىلىرىنى كېلەر يىل (2022) نىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

1662846
خىتاي چېگرا چەكلىمىلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  غا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى رامكىسىدا يولغا قويغان چېگرا چەكلىمىلىرىنى كېلەر يىل (2022) نىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

ۋول سترېت ژۇرنىلى (Wall Street Journal) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي سەھىيە مەسئۇللىرى مەزكۇر قارارنى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرى سەۋەبىدىن چىقارغان.

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەتتە 25 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 91 مىڭ 629 غا يەتتى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن 4 مىڭ 636 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

خىتاي 1 مىليارد 50 مىليون ۋاكسىنا بىلەن، ئەڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەنگەن دۆلەت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر