ئامېرىكا تەيۋەنگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلدى

ئامېرىكا تەيۋەنگە 2.5 مىليون دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئىئانە قىلدى.

1661980
ئامېرىكا تەيۋەنگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ مېمفىس (Memphis) شەھىرىدىن ۋاكسىنا ئېلىپ ئۇچقان تەيۋەن ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يۈك ئايروپىلانى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 20-ئىيۇن) تەيۋەن ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

مودېرنا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان 2.5 مىليون ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىگە تاپشۇرۇلدى.

تەيۋەن مودېرناغا تەخمىنەن 5 مىليون دانە ۋاكسىنا زاكاس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن پەقەت 390 مىڭ دانە ئالالىغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاي (2021-يىلى ئىيۇن) ئىچىدە تەيۋەنگە 750 مىڭ دانە ۋاكسىنا ئەۋەتىشنى ۋەدە قىلغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ۋەدە بەرگەن ۋاكسىنا ساننىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان ۋاكسىنانى ئىئانە قىلىشى، خەلق ساقلىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مۇھىم بولغىنىدەك، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي بىلەن قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان يېڭى گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇقلار نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما «تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قانۇنى» بويىچە، سودا، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ.

تەيۋەن، خىتاينىڭ دۆلەت شىركىتى فوسۇن دورا شىركىتىنىڭ پاتېنت كېلىشىمى بولۇشى سەۋەبىدىن بىيونتېك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنانى سېتىۋىېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي بولسا، بۇنى رەت قىلىپ، تەيۋەننى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەيۋەن خىتايدىن ۋاكسىنا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ۋاكسىنالىرى تەيۋەنگە كەلتۈرۈلمىدى.

تەيۋەن مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ياپونىيە ئىئانە قىلغان 1.24 مىليون دانە ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەتلەر ئارىسىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تەيۋەندە، ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى چوڭ ئەندىشەلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر