ئامېرىكا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا خىتاينى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەقىقىي تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغان تەقدىردەö خەلقئارالىق يېتىم قالدۇرۇش جازاسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1662081
ئامېرىكا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جاك سۇللىۋان، خىتاي «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ھەقىقىي تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغان تەقدىردە، خەلقئارا يېتىم قالدۇرۇش جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرۇلۇق خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جاك سۇللىۋان، ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا خىتايغا قارشى تەھدىت ياكى ئۇلتىماتوم ئېلان قىلمايدىغانلىقلىرىنى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان تەقدىردە، بۇنىڭغا قارشى قانداق جاۋاب قايتۇرۇش مەسىلىسىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن سۇللىۋان، مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بۇنى ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.»

ئۇ يەنە، خىتاي «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورناتمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتىم قالدۇرۇش جازاسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر