ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن مىللىي مۇرەسسە ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ 25-ئىيۇن (2021) ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ.

1661838
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى (Jen Psaki) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ۋە مىللىي مۇرەسسە ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك شېرىكلىكنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئەسكەرلەرنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرگەن ۋاقىتتا، ئاياللارنى، قىز بالىلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئافغانىستان خەلقىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەھەتتە داۋاملىق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىككىنچى قېتىم تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ بىخەتەر پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلانماسلىقى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر