مائاس تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلىك كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلىك كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1661896
مائاس تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلىك كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائاس، گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ۋېلت› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن كۆچمەنلىك مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى يېڭىلاشقا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، بۇ دۆلەتنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان كۆچمەنلىك يۈكىنى بىز ئۈچۈن ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.»

تۈركىيەدە تەخمىنەن 4 مىليون سۈرىيەلىك ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مائاس، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان كۆچمەنلىك كېلىشىمنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىنىشىغا  ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ، كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ماددىي ياردەم بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر رەقەمنى ئوتتۇرىغا تاشلاشنى خالىمايمەن، ئەمما بۇنىڭ پۇلسىز ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.»

ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور بەدەل تۆلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭ سايىسىدا باشقىلارنىڭ پۇل تېجەپ قالالىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مائاس، بۇنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر