رۇسىيە قايتۇرۇپ كېلىنگەن باش ئەلچىسىنى قايتىدىن ۋاشىنگىتونغا يوللىدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن  گ 7 باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللىغان قارارغا ئاساسەن، مەسلىھەت ئۈچۈن چاقىرىپ كېلىنگەن رۇسىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاناتولى ئانتونوۋنى قايتىدىن ۋاشىنگىتونغا يوللىدى.

1661447
رۇسىيە قايتۇرۇپ كېلىنگەن باش ئەلچىسىنى قايتىدىن ۋاشىنگىتونغا يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە «رىيا» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باش ئەلچىسى ئاناتولى ئانتونوۋ موسكۋانىڭ شېرېمېتېۋو ئايرودورۇمىدىن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىققان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 17 – مارتتا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ «قاتىل» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئامېرىكا سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن «چوقۇم بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئانتونوۋنى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ قەيەرگە كېتىپ بارغانلىقىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

كرېمىل سارىيى يەنە ئامېرىكانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون سۇللىۋاننىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. سۇللىۋانمۇ مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن 22-ئاپرېل ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەتكەن ئىدى.

شىۋىېيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا پۇتىن بىلەن بايدىن باش ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىگە قايتىىشىنى قارار قىلىشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر