فىرانسىيەدە بوران سەۋەبىدىن بىر چېركاۋنىڭ قوڭغۇراق مۇنارى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

بوران سەۋەبىدىن جەمئىي 51 رايونغا ئاپلسىن رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش  ئېلان قىلىندى.

1661433
فىرانسىيەدە بوران سەۋەبىدىن بىر چېركاۋنىڭ قوڭغۇراق مۇنارى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بوران سەۋەبىدىن چاقماق قىچىپ،، يامغۇر ۋە مۆلدۈر ياغىدىغانلىقىنى، بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنىڭ 100 كىلومېتىرغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىندرې- ئېت لورد رايونىغا جايلاشقان ساينت نىكولاس دې بورگۇئىل شەھىرىدە، كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن بىر چېركاۋنىڭ قوڭغۇراق مۇنارى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى.

ئاېلسىن ئاگاھلاندۇرۇشى دائىرىسىدىكى رايونلارنىڭ ئىچىدە پايتەخت پارىژ ۋە ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەرمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر