پاكىستان ئامېرىكاغا ھەربىي بازا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى «CIA» غا پاكىستاندا بازا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1661054
پاكىستان ئامېرىكاغا ھەربىي بازا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئىمران خان «HBO» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «Axios on HBO» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستاننىڭ ھەربىي بازىلارنى ئىشلىتىشتىكى مەيدانىنى بىلدۈردى.

پاكىستان زېمىنىدىن ئافغانىستانغا قارىتا ھەرقانداق ھەرىكەتكە ياكى ھەربىي بازا قۇرۇشقا يول قويۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان ئىمران خان، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى «CIA» غا ھەرگىزمۇ بازا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ ھۆكۈمەتلەرنى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ھەرىكىتى ئۈچۈن پاكىستان زېمىنىنى ئىشلىتىشىنى ۋە پاكىستاندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىمران خان، 2018-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن پاكىسستاندا رۇيخەتكە ئېلىنغان ئامېرىكاغا تەۋە ھەرقاندان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈز بەرمىگەن ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى «CIA» پاكىستان زېمىنىدا ئەڭ ئاخىرقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنى ئىمران خان سايلامدا غەلىبە قىلغان 2018-يىلى 7-ئايدا ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى «CIA» ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن ئافغانىستاندا مۇمكىن بولغان مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.

ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى «CIA» دىرېكتورى ۋىليام بۇرنس 5-ئايدا بازا مەسىلىسى سەۋەبىدىن پاكىستانغا بارغان ۋە بازا مەسىلىسى توغرىسىدا باش مىنىستىر ئىمران بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى رەت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر