ئىران خەلقى بۈگۈن يېڭى پىرېزىدېنتى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ

ئىران خەلقى بۈگۈن (2021-يىلى 18-ئىيۇن) 13-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا بېلەت تاشلايدۇ.

1660501
ئىران خەلقى بۈگۈن يېڭى پىرېزىدېنتى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى سايلام مەركىزى مەلۇماتىدا، تەخمىنەن 83 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەتتە 59 مىليون 310 مىڭ 307 سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سايلام نەتىجىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى مەلۇماتلارنىڭ يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى، ئەتە (2021-يىلى 20-ئىيۇن) چۈشكىچە سايلام نەتىجىسىنىڭ جەزملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنتلىق نامزاتى تەستىقلانغان يەتتە كىشىدىن كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى ئەلى رىزا زاكانى، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق باش كاتىپى ۋە يادرو باش مۇزاكىرەچىسى سەئىد جەلىلى بىلەن ئىسلاھاتچى سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مۇھسىن مىھرالىزادە سايلامدىن چېكىندى.

كونسېرۋاتىپ نامزاتلاردىن ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ سابىق قوماندانى مۇھسىن رىزائى، پارلامېنت ئەزاسى ئەمىر ھۈسەيىن قادىزادە ھاشىمى، سوت ئەركى باشلىقى ئىبراھىم رەئىسى ۋەمەركىزىي بانكاسىنىڭ سابىق ئىسلاھاتچى باشلىقى ئابدۇنناسىر ھىممەتى پىرېزىدېنتلىق ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشىدۇ.

ئىراندا پىرېزىدېنت تۆت يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ۋە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم سايلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ قېتىم ھازىرقى پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ئىككى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولغانلىقى ئۈچۈن نامزات بولالمىدى.

نامزاتلار بىرىنچى قېتىمدا سايلىنىشى ئۈچۈن (50+1 ) بېلەت ئېلىشى كېرەك. بىرىنچى قېتىمدا بۇ سانغا يەتكەن نامزات بولمىغان ئەھۋالدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزات رىقابەتلىشىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان نامزات، ئىراننىڭ 8-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولىدۇ.

ئىسلاھاتچىلارنىڭ رەت قىلىشى سەۋەبىدىن كونسېرۋاتىپ نامزات ئىبراھىم رەئىسىنىڭ بىرىنچى قېتىمدىلا پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى ۋە خەلقنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سايلامنى بايقۇت قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئانالىزلار قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر