قاراتاغدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

قاراتاغ پارلامېنتى قوشنا دۆلىتى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا 1995-يىلى يۈز بەرگەن سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپ-لايىھەسىنى كۆپ ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.

1660548
قاراتاغدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاراتاغدا سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان باياناتلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئەدلىيە ھەمدە ئىنسان بىلەن ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى مىنىستىرى ۋلادىمىر لېپوساۋىج (Vladimir Leposavic) ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا 8 مىڭدىن ئارتۇق بوشناق سېرب ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان باياناتلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قاراتاغدىكى بوشناق پارتىيەسى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەييارلانغان قانۇن لايىھەسى، 55 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن پارلامېنتتا قوبۇل قىلىندى. قانۇن لايىھەسىگە 19 پارلامېنت ئەزاسى رەت ئاۋازى تاشلىدى، يەتتە پارلامېنت ئەزاسى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

قانۇن لايىھەسىنى پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن بوشناق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئەرۋىن ئىبراھىموۋىج پارلامېنتتتا قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ، قاراتاغدا مۇرەسسە ئۈچۈن مۇھىم قەدەم بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان باياناتلىرى بىلەن مەزكۇر ۋەقەنى پەيدا قىلغان مىنىستىر لېپوساۋىج 43 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. بۇنىڭغا، 27 پارلامېنت ئەزاسى رەت ئاۋازى تاشلىدى، 10 پارلامېنت ئەزاسى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

سېرب «قاسساپ» راتكو ملادىج قوماندانلىقىدىكى سېرب ھەربىي قىسىملىرى 1995-يىلى 11-ئىيۇل بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ شەرقىدىكى سرېبرېنىتساغا بېسىپ كىرىپ بىر قانچە كۈن داۋام قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا، ئەڭ ئاز دېگەندە 8 مىڭ 372 بوشناق ئۆلتۈرۈلگەن ۋە جەسەتلىرى ئوخشىمىغان قەبرىستانلىقلارغا كۆمۈلگەن.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى 2007-يىلى چىقارغان قارار بىلەن، سابىق يۇگوسلاۋىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى  (ICTY) نىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىغا ئاساسەن سرېبرېنىتسا ۋە ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر