بايدىن «قۇللۇق تۈزۈم» ۋە «فېدېراتسىيە بايرىمى» غا مۇناسىۋەتلىك قانۇننى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن 1865 - يىلى «قۇللۇق تۈزۈم» نىڭ چەكلەنگەنلىكىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە تەبرىكلىنىدىغان ۋە «جۇنېتېنس» دەپ ئاتالغان 19 – ئىيۇننىڭ «فېدېراتسىيە بايرىمى كۈنى» بولۇشى مەزمۇن قىلىنىدىغان قانۇننى ماقۇللىدى.

1660476
بايدىن «قۇللۇق تۈزۈم» ۋە «فېدېراتسىيە بايرىمى» غا مۇناسىۋەتلىك قانۇننى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تارىخىدىكى «قۇللۇق تۈزۈم» نىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چوڭ جەمئىيەتلەر، ئەڭ قاتتىق دەرد – ئەلەملىك ئۆتمۈشلىرىنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ، ئەكسىچە ھەمىشە خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. چوڭ جەمئىيەتلەر ئۆتمۈشىدىن قاچمايدۇ، ئەكسىچە خاتالىقلىرىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن يۈزلىشىدۇ.»

ئامېرىكادىكى ئافرىقا قىتئەسىدىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ دۆلەتكە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، قۇللۇق تارىخى ۋە قۇللۇقنىڭ ئەكس تەسىرلىرى توغرۇلۇق ئىشلىنىشكە تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

بايدىن، نۇتىقىدىن كېيىن، ھەر يىلى 19 – ئىيۇن كۈنىنىڭ «فېدېراتسىيە بايرىمى كۈنى» بولۇشى ئۈچۈن ئىلگىرى ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان قانۇننى ئىمزالىدى.

ئامېرىكادا 1865 – يىلى 19 – ئىيۇن «قۇللۇق تۈزۈم» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر