بېرلىندا نامايىشچىلار نۇرغۇن ساقچىلارنى يارىلاندۇردى

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا چىققان سۈركىلىشلەردە 60 ساقچى يارىلاندى.

1659793
بېرلىندا نامايىشچىلار نۇرغۇن ساقچىلارنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىندا ئاشقۇن سولچى گۇرۇپپىلار ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىشغال قىلىۋالغان فىندغىيسايىن (Friedrichshain) مەھەللىسىدىكى بىنانىڭ ئوت كېتىش خەۋپىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدى.

تەخمىنەن 200 كىشىلىك غەزەپلەنگەن گۇرۇپپا بىنا جايلاشقان جايغا تۇتىشىدىغان كوچىلارغا توسۇقلارنى قۇرۇپ، ئاپتوموبىل چاقلىرىنى كۆيدۈردى. نەتىجىدە، ساقچىلار بىلەن نامايىشىچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش چىقتى. نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ۋە شىشەلەرنى ئاتتى. ۋەقەلەردە 60 ساقچى يارىلاندى.

ئۆكتەبىر ئېيىدىمۇ (2020) ئاشقۇن سولچى گۇرۇپپىلار ئوخشاش بىنانى ئىشغال قىلىۋېلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە چىقىپ كەتمىگەن ۋە ئاخىرىدا ساقچىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن تارقالغان ئىدى.

بىنانىڭ ئىگىسى بىلەن ئىشغالچىلار ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي دەۋا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر