تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەگە بىرلىكتە ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى كەرەم كىنىك مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن رەفاھ چېگرا ئېغىزى ۋە پورتلارنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشىغا دائىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1659073
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەگە بىرلىكتە ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەرەم كىنىك مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن غەززەگە قىلىنىدىغان ياردەم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئۈچۈنمۇ مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، « مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن رەفاھ چېگرا ئېغىزى ۋە ئۇ يەردىكى پورتلارنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشىغا دائىر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە غەززەگە قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى قاھىرەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلغان كەرەم كىنىك، ھازىرغىچە ئەۋەتىلگەن دورا، تىببىي بۇيۇملاردىن باشقا يەنە، قۇرۇق يېمەكلىك، تازىلىق ئەسلىھەلىرى ۋەكىيىم-كېچەك قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى باشلىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى.

كەرەم كىنىك مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان 10 يۈك ئاپتوموبىلىدا لىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ غەززەگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياردەمنىڭ 21 كىلوگىرام يىشىكلەرگە قاچىلانغان، جەمئىي 2 مىڭ توننا ماتېرىيالدىن تەركىب تاپقانلىقىنى تىلغا ئالغان كەرەم كىنىك، بۇ يىشىكلەرنىڭ بىر ئائىلىنىڭ بىر ئايلىق ئاساسلىق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى ئېيتتى.

كەرەم كىنىك يەنە،  تىببىي بۇيۇملار، كىيىم-كېچەك، تازىلىق ئەسلىھەلىرى ۋە دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىئانە قىلغان ئويۇنچۇق، دەپتەر -قەلەم قاتارلىق ئوقۇش ماتېرىياللىرىنىڭمۇ رايونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەرەم كېنىك غەربىي قىرغاقتا ۋە ئىسرائىلىيە تەرەپتىن غەززەگە ئەۋەتىلىدىغان ماتېرىياللار ئۈچۈنمۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر