كولۇمبىيەدە ھەربىي باتالىيونغا بومبا قاچىلانغان ئاپتومۇبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

كولۇمبىيەنىڭ شىمالىدىكى سانتاندېر مەمۇرىي رايونىدا، ئىككى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھەربىي باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 36 ئەسكەر يارىلاندى.

1658967
كولۇمبىيەدە ھەربىي باتالىيونغا بومبا قاچىلانغان ئاپتومۇبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇكۇتا شەھىرىدە  دۆلەتلىك ئارمىيەگە تەۋە 30- بىرىگادا مەزكىزىدە ئەسكەرلەر تۇرۇشلۇق جايغا بومبا قاچىلانغان 2 ئاپتومۇبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان، ئاپتوموبىللارنىڭ  پارتىلىشى نەتىجىسىدە 36 ئەسكەر يارىلانغان.

پىرېزىدېنت ئىۋان دۇك ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋەقەنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمنى تېزدىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇداپىئە مىنىستىرى دىياگو مولانوغا مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەن.

مۇداپىئە مىنىستىرى دىياگو مولانومۇ تىۋىتتېر ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «30-بىرىگادادا يۈز بەرگەن پارتلاش سەۋەبىدىن دەرھال ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارمىيە قوماندانى بىلەن رايونغا ماڭدۇق» دېگەن.

دائىرىلەر پارتلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان بىر كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر