ۋۇخەن ۋىرۇسى تەجرىبىخانىدىن چىقتىمۇ؟

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى «ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى» نىڭ دىرېكتورى شى جىڭلى تەجرىبىخانىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ياسالغان جاي ياكى مەنبەسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى.

1658671
ۋۇخەن ۋىرۇسى تەجرىبىخانىدىن چىقتىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى «ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى» نىڭ دىرېكتورى شى جىڭلى تەجرىبىخانىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى      (Kovid-19) ياسالغان جاي ياكى مەنبەسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» نىڭ دىرېكتورى شى جىڭلى نىيۇ يورك تايمېس مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوۇل قىلغاندا، بۇ سەھىيە ئاپىتىدىن تەجرىبىخانىنىڭ مەسئۇل ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «ئىسپاتى بولمىغان بىر شەيئىيگە مەن قانداق ئىسپات كۆرسىتىمەن. دۇنيانىڭ بۇ نەتىجىگە قانداق دۇچ كەلگەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم» دېدى.

ئۇ بىگۇناھ بىر تەتقىقاتچىغا قارا چاپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 2017-يىلى تەجرىبىخانىدا قىلىنغان تەجرىبەلەر ھەققىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ «ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش (GOF) تەجرىبىسى» گە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ۋىرۇسنى تېخىمۇ خەتەرلىك قىلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدە ۋىرۇسنىڭ قانداق قىلىپ جانلىقلارغا يۇقىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەجرىبىخانىدىكى ۋىرۇسلارنىڭ ئەجەللىك كۈچىنى كۈچەيتىدىغان GOF تەجرىبىسىنىڭ ئەزەلدىن قىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ياكى قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقلارنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شى ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىنستىتۇتنىڭ تەجرىبىخانىسىدا 2017-يىلى قىلىنغان بىر تەجرىبە توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا، ۋىرۇسلارنىڭ ئادەم ھۈجەيرىسىگە يۇقىشى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى بىلىش ئۈچۈن، بار بولغان ۋىرۇس پارچىلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئارىلاشتۇرۇپ، يېڭى ئارىلاشما شەپەرەڭ تاجىسىمان ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋىرۇس پارچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە بىرى ئىنسانلارنى يۇقۇملاندۇرالايدىكەن.

2002-2003-يىللىرى ئۆتكۈر نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (SARS) يۇقۇمىدىن كېيىن، شەپەرەڭ تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن ئۇچۇرلىرى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرى»، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ بۇ يەردىكى تەجرىبىخانىلاردا سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغانلىقى ۋە ئېھتىياتسىزلىقتىن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ باشقا دۆلەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە توڭلىتىلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن خىتايغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئىسپاتلانمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر