ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا بەلگىلىمىلىرىنى قانۇنلاشتۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىدارە-ئورگانلىرى ئىتتىپاق چېگرالىرى ئىچىدىكى ساياھەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى گۇاھنامىسىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قانۇنلاشتۇردى.

1657691
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا بەلگىلىمىلىرىنى قانۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دىجىتال ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى گۇاھنامىسىنىڭ قانۇنلىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا مۇراسىمىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى داۋىد ساسسولى (David Sassoli) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى پورتۇگالىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئانتونىيو كوستا (Antonio Costa) قاتناشتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن مۇراسىمدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى گۇاھنامىسى بەلگىلىمىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاكسىنا گۇاھنامىسى ھەقسىز بولۇپ، قەغەز ياكى دىجىتال شەكىلدە تەييارلىنىدۇ. ئايرىمىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەرمۇ گۇاھنامە ئالالايدۇ.

ۋاكسىنا گۇاھنامىسى كىشىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتكەن-ئەملەتمىگەنلىكىنى، ئەملەتكەن بولسا قەيەردە ۋە قايسى ۋاكسىنانى ئەملەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەلۇماتلارنى، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، ئانتىتېلا سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گۇاھنامە بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەستىقلانغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتكەن ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملىنىپ ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن كىشىلەر، ساياھەت جەريانىدا قوشۇمچە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەيدۇ ياكى كارانتىن قىلىنمايدۇ. خەلق سالامەتلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئەھۋاللاردا، دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويالايدۇ.

ۋاكسىنا گۇاھنامىسى بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ئىسلاندىيە، لىچتېنشتېين، نورۋېگىيە، شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ۋاكسىنا گۇاھنامىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىغا، قايسى دۆلەت پۇقراسى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئائىلىلىرىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولمىغان كىشىلەر بىلەن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرچە بىيونتېك-فايزېر، مودېرنا، ئاسترازېنېكا، جونسون ۋە جونسون شىركەتلىرىنىڭ ۋاكسىنالىرىنى تەستىقلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر