ئالجىرىيە «فىرانسىيە 24» قانىلىنىڭ دۆلەتكە دۈشمەنلىكى يۈزىسىدىن ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى

ئالجىرىيە ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرى ئەممار بىلخىيمەر تەھرىرلىك خىزمىتىدە دۆلەتكە ئوچۇق-ئاشكارە دۈشمەنلىك قىلغانلىقى يۈزىسىدىن «فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1657462
ئالجىرىيە «فىرانسىيە 24» قانىلىنىڭ دۆلەتكە دۈشمەنلىكى يۈزىسىدىن ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەممار بىلخىيمەر ئالجىرىيە رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش قارارىنىڭ دۆلەتكە ۋە ئورگانلىرىغا قارىتا ئوچۇق-ئاشكارە دۈشمەنلىك قىلىش سەۋەبىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەممار بىلخىيمەر «فرانسىيە 24» قانىلىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىدە ئالجىرىيەگە ئوچۇق-ئاشكارە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ قانالنىڭ ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتقان مىنىستىر ئەممار بىلخىيمەر بۇ قارارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ «فرانسىيە 24 قانىلىنىڭ كەسپىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلماسلىقى، تاراتقۇلاردا تەتۈر تەشۋىقات ۋە مونوپۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا يەنە، ئالجىرىيەگە ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلغانلىقى» نى چۈشەندۈردى.

ئالجىرىيە ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرلىقى مارت ئېيىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئالجىرىيەدىكى نامايىش ۋە يۈرۈشلەرنى خەۋەر قىلىشتا ئوچۇق-ئاشكارە تەرەببازلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن فرانسىيە 24 قانىلىغا ئاخىرقى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر