ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى بايدىن ۋە رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 - ئېلىزابېت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە رەپىقىسى جىل بايدىن بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى، «ۋېىندسور قەلئەسى» نىڭ ھويلىسىدىكى سۇپىدا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 - ئېلىزابېت تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
قەلئەدە ئايال پادىشاھ بىلەن چاي ئىچىشتىن بۇرۇن، بايدىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئايال پادىشاھنىڭ كېلىنچىسى دام ئاننابېل ۋايتخايد بىلەن تونۇشتۇرۇلدى.
ئايال پادىشاھ 2 – ئېلىزابېت، يېقىنقى يىلللاردا، «ۋىندسور قەلئەسى» دە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقا 4 پىرېزىدېنتىنى قوبۇل قىلغانىدى.
بايدىن، ئايال پادىشاھ 2 – ئېلىزابېت تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 13 – پىرېزىدېنتى بولدى.
ئايال پادىشاھ 2 – ئېلىزابېت، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2019 – يىلى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بۇككىنخام ساريىىدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.