پىرېزىدېنت بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت (Naftali Bennett) قا تېلېفون قىلىپ، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

1657333
پىرېزىدېنت بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى نافتالى بېننېتنى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بولغان «تەۋرەنمەس» قوللىشىنى تەكرارلىغان.

باياناتتا، بايدىن بېننېتقا رايون دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە پۇرسەتلەرگە نىسبەتەن، ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر