خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى مەسىلىسى ناتو يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى

ناتو دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتناشقان يىغىن، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان ناتو مەركىزىدە باشلاندى.

1657734
خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى مەسىلىسى ناتو يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن باشقا، 30 ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە، ئىتتىپاقنىڭ كەلگۈسى 10 يىللىق پىلان-لايىھەسىنى بەلگىلەش، ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنى يېڭىلاش، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى، يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى يىرىكلىشىۋاتقان رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى، ئىنتېرنېت تور تەھدىتلىرى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تېخنولوگىيەلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ خەۋپسىزلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ۋە ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش قارارىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت قاتارلىق تېمىلار بار.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مەلۇمات بېرىدۇ. يىغىن خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ناتو دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى تۈنۈگۈن كەچ (2021-يىلى 13-ئىيۇن) تىن باشلاپ بىريۇسسېلدا ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەزى رەھبەرلەرنىڭ ناتو مەركىزىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر