بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار  ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1657398
بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى مائاراتۇننۇمان ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق بەششەر ئەسەد كۈچلىرى، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى « M4» تاش يولىدا باغارا، بەينىن ۋە كەنسەفرا يېزىلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى.

ھۇجۇمدا ئىككىسى بالا، بىرى ئايال بولۇپ، جەمئىي 3 پۇقرا يارىلاندى، يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ، ئىدلى ۋىلايىتىگە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 پۇقرا قازا قىلدى، 36 پۇرا يارىلاندى، 1867 پۇقرا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر