ئامېرىكادىكى ژۇرنالىستلار: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى پەلەستىن مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئىشلەۋاتقان 500 دىن ئارتۇق ژۇرنالىست بىرلەشمە خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىكى خەۋەرلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالىيىتى ۋە سىياسىتىگە ئالاقىدار پاكىتلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
1656495
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا ئوچۇق خەت» ماۋزۇلۇق مەكتۇپتا، ئامېرىكادا خەۋەر يازغاندا «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇمنى يوشۇرۇش»قا خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىندى.