رىياد ھۆكۈمىتى: بۇ يىل پەقەت 60 مىڭ ئادەملا ھەج قىلالايدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، بۇ يىل دۆلەت تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان 60 مىڭ ئادەمنىڭلا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1656612
رىياد ھۆكۈمىتى: بۇ يىل پەقەت 60 مىڭ ئادەملا ھەج قىلالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، بۇ يىل دۆلەت تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان 60 مىڭ ئادەمنىڭلا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى، چەت ئەلدىن ھېچكىمنىڭ ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، يۇقۇم سەۋەبىدىن بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەلىكىدىكى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن 60 مىڭ ئادەمنىڭ ھەج قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېڭى قارارغا ئاساسەن، رىياد ھۆكۈمىتى بۇ يىل پەقەت 18 ياش بىلەن 65 ياش ئارىلىقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى بىلەن دۆلەت تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقانلارنىڭلا ھەج قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر