لىۋانلىقلار ئىقتىسادىي كىرىزىس پەيدا قىلغان قىممەتچىلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

لىۋانلىقلار پايتەخت بېيرۇتتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە يەرلىك پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى پەيدا قىلغان قىممەتچىلىككە نارازىلىق بىلدۈردى.

1656478
لىۋانلىقلار ئىقتىسادىي كىرىزىس پەيدا قىلغان قىممەتچىلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا يىغىلىپ، كامېرلارنى كۆيدۈرۈپ بىر قىسىم ئاساسلىق كوچىلارنى قامال قىلىۋالدى ۋە ناچارلىشىپ كەتكەن تۇرمۇش شارائىتى بىلەن يېقىلغۇ كىرىزىسىنى ئەيىبلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىدى.

خەۋپسىزلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىپ، تاش يولىدىكى قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپلەرنى ئاساس قىلغان سىياسىي بۆلۈنۈشلەر نۇقتىسىدىن ئىنتايىن نازۇك قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان لىۋان ئىقتىسادى، 1975 -  1990 -  يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

يەرلىك پۇل بىرلىكى بولغان لىۋان لىراسى، مەركىزىي بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغان بولۇشىغا قارىماي، بانكىلار ۋە قاراڭغۇ بازارلاردا ئوخشىمىغان باھالاردا ئېلىپ سېتىلماقتا. مەركىزىي بانكا بېكىتكەن رەسمىي تاشقى پېرېۋوت باھاسى 1507، بانكىلاردىكى باھا بولسا 3900 لىرا بولماقتا، قاراڭغۇ بازارلاردا بولسا بۈگۈن بىر دوللار 15 مىڭ لىرادىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر