بىرما ئارمىيەسىنىڭ 10 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن

بىرمادا 2021-يىلى 1-فېۋرال يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 860 قا چىقتى.

1656364
بىرما ئارمىيەسىنىڭ 10 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىنقى 24 سائەتتە يەنە ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.  ھەربىي ئۆزگىرىش باشلانغان 1-فېۋرالدىن بۇيان جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 860 قا، تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 4 مىڭ 804 كە چىققان. 1 مىڭ 936 كىشى ئۈستىدە قولغا ئېلىش قارارى چىقىرىلغان.

ساگايىڭ ئىشتاتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن كانى خەلق قوغدىنىش كۈچى بىلەن بىرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا 9-ئىيۇن (2021) يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، 10 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشى كىملىكىنى ئاشكارىلىماستىن «The Irrawaddy» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسيانچىلارنىڭ كانى ناھىيەسىدىكى مونيۋا-كالېۋا تاشيولىدا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ 70 ئەسكىرى ئاپتوموبىل بىلەن ئۆتۈۋاتقاندا پىستىرمىغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

توقۇنۇشلاردا 10 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن گۇۋاھچى، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرما ھەربىي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى توغرىلايدىغان ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1-فېۋرال (2021) ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر