پۇتىن بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئۈنۈمىدىن ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىش نەتىجىسىنى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1652146
پۇتىن بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئۈنۈمىدىن ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن، سانت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىشىدا رۇس ئاخبارات ئاگېنتلىقى — تاسس تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋە باش مۇھەررىرى يۈسۈپ ئۆزخانمۇ ئىشتىراك قىلغان سىن يىغىنىدا، دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پۇتىن رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بۇ خىل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى بىز ئەمەس» دېدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى ۋە بىر - بىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، 16- ئىيۇن شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن: «مەن بۇ يىغىننىڭ نەتىجىسىى توغرىسىدا غايەت زور تەرەققىيات بولىدۇ، دېگەن ئۈمىدتە ئەمەسمەن. قانداقلا بولمىسۇن، زىددىيەتنى رۇسىيە تەرەپ پەيدا قىلمىغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۆزئارا ماس مەنپەئەت نۇقتىلىرىمىز بار» دېدى.

بايدىننىڭ تەجرىبىلىك سىياسىيون ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، يىغىننىڭ بەرپاچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر