خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى

خىتاي نوپۇس سىياسىتىنى پۇقرالارنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىدۇ.

1649100
خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، «ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدىغان ئەر-خوتۇنلارنى قوللاش قارارى» چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېڭى سىياسەتنىڭ «خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، قېرىلاشقان نوپۇس مەسىلىسىگە ئۈنۈملۈك جاۋاب بېرىشنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىنسان مەنبەسى ئالاھىدىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلغان.

مەزكۇر قارار، بېيجىىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1980-يىلى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىدىن قايتىش سىياسىتىنىڭ بېشارىتى دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1980-يىللاردىن باشلاپ يولغا قويغان «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە شەھەرلىشىش بىلەن بىرلىكتە، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى زور مىقداردا ئازايتتى. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ ئازىيىش نوپۇس مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ۋە ئىشلەش ۋاقتىدىكى نوپۇسنىڭ ئىقتىسادتىكى ئۈلۈشىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى 2013-يىلى بىر پەرزەنتلىك ئائىلىلەردىن ئاتا-ئانا بولغانلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلغان سىياسەت چىقاردى. 2016-يىلى بولسا، بۇ سىياسەتنى ھەممە كىشى ئۈچۈن يولغا قويدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر