ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋاكسىنا ئەملەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرى رامكىسىدا كىشىلەرنىڭ تېلېفون مەلۇماتلىرىنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئانالىز قىلىشتا پايدىلىنىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1644547
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋاكسىنا ئەملەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى» (The Telegraph) كىشى ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە مۇستەقىل ئىلمىي ۋابا ئانالىز گۇرۇپپىسى(SPI-B)  نىڭ دوكلاتى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يانفونلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارنى، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئايرىم-ئايرىم پايدىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئاسترازېنېكا بىلەن بىرلىكتە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى تەتقىق قىلغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتنى «كىشى ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە مۇستەقىل ئىلمىي ۋابا ئانالىز گۇرۇپپىسى» نامىدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گۇرۇپپىدىكى بەلگىلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئەملىنىشتىن بۇرۇنقى ۋە ئەملەنگەندىن كېيىنكى ھەرىكەت شەكىللىرىنىڭ كۆزىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پوچتا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ھۆكۈمەت باياناتچىسى تەتقىقاتچىلارغا ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئېتىك تەستىقىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر