ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا مىسىرنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سائەت 02.00 دە بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

1642969
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدا 10 – مايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قارارنامەنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ھاماس باياناتچىسى سامى ئەبۇ زۇھرىمۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شۇ جاي ۋاقتى بۈ كېچە سائەت 02.00 دە باشلىنىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا بىر سائەت قالغاندا غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى.

ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق قانىتى قۇددۇس چەۋەندازلىرىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن غەززە ئەتراپىدىكى رايونلارغا راكېتامىيوت ئاتقانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىشىدىن كېيىن، غەززە رايونى ۋە ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەر، كوچىلارغا چىقىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شاد – خۇراملىقىنى ئىپادىلىدى.

غەززە رايونىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە يۈزلەرچە ياشلار راماللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەرلەردە كوچىلارغا چىقىپ، غەززەدىكى پەلەستىن تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنى قوللاپ، شوئارلارنى توۋلىدى.

پەلەستىنلىك ياشلار، «راماللاھتىن شان – شەرەپلىك غەززەمىزگە سايلام!»، «فەتىھ، ئىسلامىي جىھاد ۋە ھاماس، سىلەرنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىڭلار بىزنى سۆيۈندۈردى» تەرىقىسىدە شوئارلارنى توۋلاپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىغا بولغان شاد – خۇراملىقىنى ئىزھار قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋە 10 – مايدىن  يبن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 65 ى بالا، 39 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 232 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر