ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ غەززەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى بەزى ئاممىۋى ئورۇنلار، تېرىقچىلىق يەرلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

1641174
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ «سوفى نۇرەتتىن» تەخەللۇسلۇق ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنى تەبرىكلىدى.

مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ، پ ك ك نىڭ ئومۇمىي سۈرىيە مەسئۇلى «سوفى نۇرەتتىن» تەخەللۇسلۇق تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا  ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ بەل قويۇۋەتمەسلىك كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى، باش قوماندان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە سوفى نۇرەتتىننىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «نۆۋەت ئۆڭكۈرلەردىن بېشىنى چىقىرالمايۋاتقان باشقا كاتتىباشلىرىدا. مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنى تەبرىكلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر