ئىران ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەيىبلىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىسرائىلىيەگە يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

1641306
ئىران ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف: «ئامېرىكا قوشمائىشتاتلىرى تېخىمۇ كۆپ بالىنى تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆلتۈرەلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە يەنە 735 مىليون دوللارلىق يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى بېرىدۇ» دېدى.

مىنىستىر مۇھەممەد جەۋاد زەرىف قامال ئاستىدىكى غەززەگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەگە 735 مىليون دوللارلىق يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھۇجۇملارنى توختىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

زەرىف تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكادا ياسالغان ئوق- دورىلار بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۈستىگە يېغىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ بالىنى تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆلتۈرەلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە يەنە 735 مىليون دوللارلىق يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر زەرىف، ئامېرىكانىڭ يەنە، ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بىرلەشمە باياناتىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئامېرىكا ب د ت نىڭ كىچىككىنە باياناتىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئىسرائىلىيە ۋە قوللىغۇچىسى رەزىل ئەپتى بەشىرىسىنى نامايان قىلماقتا، بۇلارنى دۇنيا كۆرمەكتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر