ھەنىييە مىسىرلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە مىسىرلىق ئەمەلدارلار بىلەن «ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش» مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1641374
ھەنىييە مىسىرلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى تاھىر نۇنۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھاماس رەھبىرىنىڭ مىسىرلىق ئەمەلدارلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نۇنۇ باياناتىدا، ھەنىييەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مىسىرلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى 16 – ماي سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، مىسىرنىڭ سۈركىلىش باشلىغاندىن بۇيان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشى ۋە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاش ئۈچۈن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 10 -  مايدىن بۇيانقى غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 61 نەپىرى كىچىك بالا، 36 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 212 ئادەم شېھىت بولدى، 1400 ئادەم يارىلاندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر