بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايوندا ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1641198
بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن ئىسىرائىليە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ھېچنىمىنى ئايرىماستىن قىلىنغان راكېتا ھۇجۇملىرىدىن، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

بايدىننىڭ خەلقلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قۇددۇستا خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «پىرېزىدېنت بايدىن بىگۇناھ پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن ئىسىرائىلىيەنى قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى» دېيىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ مۇساپىدە يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر