بىيونتېك-فايزېر ۋاكسىناسىنىڭ ساقلاش مۇددىتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى

ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى (EMA) بىيونتېك-فايزېر ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنى نورمال توڭلاتقۇ شارائىتلىرىدا بىر ئايغىچە ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1641418
بىيونتېك-فايزېر ۋاكسىناسىنىڭ ساقلاش مۇددىتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا دورا ئاگنېتلىقى بىيونتېك بىلەن فايزېر تەتقىق قىلىپ ياسىغان «كومىرناتى» (Comirnaty) ۋاكسىناسىنى ساقلاش قائىدەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇزلاتقۇلاردىن چىقىرىلىپ ئاغزى ئېچىلمىغان ۋاكسىنالارنىڭ تېمپېراتۇراسى 2 گىرادۇستىن 8 گىرادۇسقىچە بولغان نورمال توڭلاتقۇ شارائىتلىرىدا بەش كۈن ئەمەس، 31 كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ۋاكسىنانى ساقلاش ۋە توشۇش ئىشلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىنىڭ، ئەملەش ئىشلىرىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىيونتېك-فايزېر ۋاكسىناسى 2020-يىلى دېكابىردا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەستىقىنى ئالغان بولۇپ، 2021-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەملەش ئىشلىرى باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر