ئىسىرائىلىيە غەززەدىن ئېتىلغان راكېتالارنى توسۇش ئۈچۈن قانچە پۇل خەجلەيدۇ؟

غەززەدىن ئېتىلغان ھەر بىر راكېتانى «تۆمۇر قۇببە» ناملىق ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلاشنىڭ، ئىسىرائىلىيەنى 50 مىڭ دوللاردىن 100 مىڭ دوللارغىچە چىقمغا ئۇچرىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1640654
ئىسىرائىلىيە غەززەدىن ئېتىلغان راكېتالارنى توسۇش ئۈچۈن قانچە پۇل خەجلەيدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىن ئېتىلغان ھەر بىر راكېتانى «تۆمۇر قۇببە» ناملىق ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلاشنىڭ، ئىسىرائىلىيەنى 50 مىڭ دوللاردىن 100 مىڭ دوللارغىچە چىقمغا ئۇچرىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھاماسنىڭ 14 مىڭدىن ئارتۇق راكېتاسىنىڭ بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يىراق مۇساپىلىق بولۇپ، تېل ئاۋىۋ، ھايفا ۋە ئەيلات قاتارلىق شەھەرلەرگە يېتىپ بارالايدىكەن.

ئىبرانى ئۇنىۋېرستېتى دۆلەت بىخەتەرلىك تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۇزى رۇبىن ھاماسنىڭ ئەڭ يېڭى راكېتالىرىنىڭ خىراجىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھاماس راكېتالىرىنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى رەت قىلىپ، ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى ئىشلەتكەن ئايياش راكېتاسىغا ئىما قىلغان ھالدا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاماسنىڭ ئەيلات رايونىغا يېتىپ بارالايدىغان راكېتاسىنىڭ بارلىقىنى ئالدىن بىلەلمىگەنلىكىنى ۋە ئىسىرائىلىيە ئىستىخباراتىدا يېتەرسىز تەخمىنلەرنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرى غەززەدىن ئېتىلغان راكېتالارنى پاچاقلاپ تاشلاشقا كېتىدىغان خىراجەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى. ئەمما، غەززەدىن ئىسىرائىلىيەگە يەتتە كۈندە 3 مىڭ 100 راكېتا ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەلقاسسام بىرىگادىسى مۇساپىسى 250 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولغان ۋە زور ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە ئايياش راكېتاسىنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر