ئىراندا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ شىمالىي خۇراسان ئىشتاتىدا، 5.5 ۋە 5.4 بال يەر تەۋرىدى.

1640587
ئىراندا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنىۋېرستېتى يەر تەۋرەش مەركىزى شىمالىي خۇراسان ئىشتاتىدا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ئىشتاتقا قاراشلىق جاجەرم ناھىيەسى بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 03:34 ۋە 05:24 ئۆتكەندە، يەردىن 16 ۋە 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەشتە، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن، ئەمما بەزى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان.

يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلارنى ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر