نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 108 ئادەم قازا قىلدى.

1640507
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە باشقا قوراللىق شايكىلارنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدىكى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئېلىپ بارغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرىدا 108 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

نىگېرىيەدە جىددىي داۋالغۇش پەيدا قىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى 17 ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى ھۆكۈمەتنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي مىللىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىردى.

ۋالىيلار يەنە، پىرېزىدېنت مۇھەممەد بۇخارىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا پۇقرالارغا خىتاب قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بوكو ھارامنىڭ 2009- يىلدىن بۇيان نىگېرىيەدە سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تېرورلۇق ھۇجۇملىرىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

يۈزمىڭلىغان كىشى تېرورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن رايوندىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر