بلىنكېن بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئانتونى بلىنكېن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، پاكىستان ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە زوراۋانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1640529
بلىنكېن بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) تاشقى ئىسلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئانتونى بلىنكېن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىنگە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشنى ۋە زوراۋانلىقنى توختىتىشنى چاقىرىق قىلىپ، مىسىرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فارھان  ئالسۇئۇد بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىسىرائىلىيە، غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زوراۋانلىقلارنى توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئۇ پەلەستىن ۋە ئىسىرائىلىيەدە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسىرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە ئەركىن، بىخەتەر، شەرەپ ۋە پاراۋان ھالدا ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن بلىنكېن، ئالسۇئۇد بىلەن يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

ئۇ قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جرىيان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە ئېشىۋاتقان زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇساپىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇت قۇرەيشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىنى پاكىستاننىڭ داۋاملىق قوللىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكا-پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر