بىرمادىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 796 گە يەتتى

بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنى قوراللىق باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە، قازا قىلغانلار سانى 796 گە يەتتى.

1640642
بىرمادىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 796 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە ئالتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 796 گە يەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا 3998 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان 1679 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، ئەڭ يېڭى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئىسيانچىلار بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان چىن ئۆلكىسىنىڭ مىندات شەھىرىدە يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىرما ئارمىيەسى 2020- يىلى 8- نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتتىكى سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىشىدىن 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانىدى.

بىرما ئارمىيەسى يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ھەمدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرمادا بىر تەرەپتە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەربىي سوتلاردا سوتلانماقتا، يەنە بىر تەرەپتە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر