ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدا شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 174 كە يەتتى
غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى 10-مايدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 47 كىچىك بالا ۋە 29 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 174 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەشرەف ئەل قۇدرا سىنلىق باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ۋە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى جايلاشقان ئىككى بىنانى بومباردىمان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە دېڭىزدىن غەززە شەھىرى دېڭىز ساھىلىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بولسا، غەززەنىڭ مىسىر چېگراسىدىكى ئىككى بىخەتەرلىك مەركىزىنى بومباردىمان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يېرىم كېچىدىن كېيىن غەززەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
غەززەنىڭ غەربىدىكى ئەررىمال رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن تۇرالغۇلار ۋەيران بولۇپ، 5 كىچىك بالا بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.