ئىسمائىل ھەنىييە: ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقساغا قول ئۇزاتماسلىق ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇق

ھاماس سىياسى بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقساغا قول ئۇزاتماسلىق ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1640082
ئىسمائىل ھەنىييە: ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقساغا قول ئۇزاتماسلىق ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمائىل ھەنىييە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش پائالىيىتىگە سىن يىغىنى ئارقىلىق قاتناشتى.

ھاماس رەھبىرى پائالىيەتتىكى نۇتۇقىدا، «قىبلىمىز، كىملىكىمىز، ئېتىقادىمىز ۋە ئىنقىلابلىرىمىزنىڭ قوزغاتقۇچىسى بولغان مەسجىدى ئەقساغا قول تەككۈزمەسلىك ھەققىدە دۈشمەنلىرىمىزنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردۇق» دېدى.

ئىسمائىل ھەنىييە: «قارشىلىق بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىمىزدۇر. بىز مەسجىدى ئەقساغا قول تەككۈزۈلىشىگە قاراپ تۇرمايمىز. قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا ئازاد قىلىنمىغۇچە قارشىلىقنى توختاتمايمىز. بۇ ئەۋلادلار بۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ» دېدى.

ئىسمائىل ھەنىييە يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ لىد شەھىرىدىكى كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «غەززە 15 يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇرماقتا. ئەمما  بۈگۈن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىدە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلماقتا» دېدى.

پەلەستىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ غەززەگە قارىتا ھېچقانداق تەلىپى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ھەنىييە بۇ كۈرەشنىڭ قۇددۇس، مەسجىدى ئەقسا، شەيخ جەرراھ ۋە ۋەتەنگە قايتىش ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

ئىسمائىل ھەنىييە: «قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا زىئونىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەسجىدى ئەقسانىڭ بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدۇق. نېتانياھۇغا ئوت بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر