ئافغانىستاندا 3 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتى

ئافغانىستاندا روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتى.

1640118
ئافغانىستاندا 3 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ئالدىنقى ھەپتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تالىباننىڭ 3 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدىن كېيىن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ئەھمەدزاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشقا بۇيرىغان ئىدى.

لېكىن شۇنداقتىمۇ جۈمە كۈنى پايتەختنىڭ شىمالىدىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى قازا قىلىپ، 15 كىشى يارىلانغان ئىدى.

تالىبان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان ۋە ھۆكۈمەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر