ئىيوردانىيە پادىشاھى: ئىسرائىلىيەنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرى ئاشقۇنلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى

ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىپ، ئاشقۇنلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1639724
ئىيوردانىيە پادىشاھى: ئىسرائىلىيەنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرى ئاشقۇنلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە خان جەمەتى سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پادىشاھ 2 – ئابدۇللاھ، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن «تېررورىزم ۋە خەلقئارالىق ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» تېمىلىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان دەپسەنچىلىكلىرىنىڭ، بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىپ، ئاشقۇنلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقى ۋە نەپرەت ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە كەڭ دائىرىلىك ۋە ئادىل ھەل قىلىشى چارىسى تېپىلماسلىقىنىڭ، كۈتۈلمىگەن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر