ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 139 غا يەتتى.

1639710
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، غەززە رايونىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان «شاتى <مۇساپىرلار لاگېرى>» دا بىر ئۆينى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى بالا بولۇپ، يەنە 10 پەلەستىنلىك شېھىت بولدى.

شۇنىڭ بىلەن، 10 – مايدىن بۇيان شېھىت بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 139 غا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 950 كە يەتتى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تۈنۈگۈن كېچىمۇ غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىنى تەخمىنەن 30 قېتىم بومباردىمان قىلدى.

مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئەتراپى، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى ۋە بىر جامە نىشان قىلىنغان بومباردىمان نەتىجىسىدە، رايوننىڭ كۆپ قىسمىدا توك ئۈزۈلۈپ قالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى سالىھ ئەل ئارۇرى، غەززەدە قۇرۇقلۇقتىن باشلىتىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن پالاكەت بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىغانلىقى توغرۇلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا چىققان خەۋەرلەر ھەققىدە ھاماسقا ئائىت «ئەلئەقسا <تېلېۋىزىيە قانىلى>» دا بايانات ئېلان قىلغان ئارۇرى، تىركىشىش كۈچلىرىنىڭ، دۈشمەن (ئىسرائىلىيە) نى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە قولىدا ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن قورال – ياراغلاردىنمۇ ئىلغارلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر