پەلەستىن ب د ت نى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

1639718
پەلەستىن ب د ت نى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە، پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى (ۋافا) غا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىشغال كۈچلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقان قانلىق قەتلىئاملاردىن سىرت يەنە، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ 1948 – يىلقى تېرروتېرىيەلەردە پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىشتىييە، (رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت) ئوتتۇرا شەرق 4 تەرەپ گۇرۇھىنىمۇ، ئىشغالنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغان سىياسىي ھەل قىلىش يولىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر