نىگېرىيەدە قوراللىق شايكىلارنىڭ لاگېرلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىدە قوراللىق شايكا ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا شايكىلارنىڭ لاگېرلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

1639675
نىگېرىيەدە قوراللىق شايكىلارنىڭ لاگېرلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئۆلكىلىك ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارى سامۇئېل ئارۇۋاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ، كادۇنا ئۆلكىسىدە قوراللىق شايكىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋامىدا، چىكۇن ۋە بىرنىن گۋارى رايونلىرىدىكى ئورمانلىقلاردا قوراللىق شايكىلارنىڭ لاگېرلىرى بومباردىمان قىلىنغان، بومباردىماندا كۆپ ساندا قوراللىق شايكا ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلگەن، شايكىلارغا ئائىت مۇھىم ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر