خىتايدا يۈز بەرگەن بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

خىتايدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1639670
خىتايدا يۈز بەرگەن بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا سۈرئىتى سېكۇنىتىغا 23 مېتىرغا يەتكەن بوران – چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2018 كىشى يارىلاندى.

ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى مىليونلارچە كىشىلەر ياشاۋاتقان شەھەرلەردە توكنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بوران - چاپقۇن ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن رايونلاردا، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تۈن بويى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر