كابۇلدىكى بىر جامەدە بومبا پارتلىدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا، 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1639480
كابۇلدىكى بىر جامەدە بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ شىمالىدىكى بىر جامەدە پارتلاش يۈز بەردى. پارتلاشتا، جامە ئىمامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرچە ھېچقايسى تەشكىلات ياكى شەخس ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر