دونباس رايونىدا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان دونباس رايونىدا رۇسىيەپەرس بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

1639297
دونباس رايونىدا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دونباس رايونىدا بىر ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە، ئۇكرائىنا ھەمدە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن ئۈچ تەرەپ گۇرۇپپىسى 2020-يىلى 27-ئىيۇل دونباس رايونىدىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇش توختاتقان ئىدى.

رايوندا ئاتالمىش مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 2014-يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا، 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر