بايدىن ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ ماسكا تاقىشىغا كېرەك يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ ماسكا تاقىشىغا كېرەك يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1639325
بايدىن ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ ماسكا تاقىشىغا كېرەك يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى قوللانما ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «بۈگۈن ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتىكى كاتتا بىر كۈن. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ ماسكا تاقىشىغا كېرەك يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى. 114 كۈندە 250 مىليون ۋاكسىنا ئەملەندى. بۇنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. 49 ئىشتاتتا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تۆۋەنلىدى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان سەۋر قىلىپ، كۆرسەتكەن پېداكارلىقلىرىنىڭ تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە: «ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش ۋەزىپەڭلەرنى ئادا قىلدىڭلار. ئەمدى قائىدە ناھايىتى ئاددىي، ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈڭلار ۋە ياكى ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغىچە ماسكا تاقاڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر